شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمى تۆۋەنلىدى

 

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمى تۆۋەنلىدى

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 9 ئىكەن.

11-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن 9 كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. يېڭىدىن ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلار 8 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئىكەن.   14 بىمارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك، 23 بىمارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە يۇقۇملانغۇچىلار 535 ،  ئۈرۈمچىدە  532 ، قەشقەردە بىر، سانجىدا بىر، دىۋىزىيەدە بىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 131 بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 130، سانجىدا بىر ئىكەن. سالامەتلىك ئەسلىگە كەلگەن بىمارلار 41 ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلار جەمئىي 14569 گە چۈشكەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمى داۋاملىشىۋاتقان ھەر قايسى رايونلارنى دەرىجىگە بۆلۈنگەن. بىرىنچى دەرىجىلىك خەتەرلىك رايون قاتارىغا تىزىلغان ئۈچ رايون بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى بىلەن سايباغ رايونى. خىتاي ئۆلكىلىرى ئىچىدە دالىيەننىڭ گەنجىڭزى رايونى بار ئىكەن. ئىككىنچى دەرىجىلىك خەتەرلىك رايون ئىچىدە ئۈرۈمچى تۈدۇنخى رايونى بىلەن يېڭى شەھەر رايونى بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1343 قېتىم كۆرۈلدى
12/08/2020 17:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق