« ئۆيدە كۆرگەنلىرىم » سەرلەۋھەلىك مەكتۇپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلىدى( 1)

 « ئۆيدە كۆرگەنلىرىم » سەرلەۋھەلىك مەكتۇپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلىدى( 1)

10- ئاۋغۇست ئىستىقلال بۆلۈمىگە كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن » ئۆيدە كۆرگەنلىرىم « سەرلەۋھەلىك مەكتۇپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى قىلىش جىنايىتىنى ئاشكارىلىدى.

مەكتۇپتا ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ھەمدە ئالداش ئۈچۈن ئەر – ئايال ئۇيغۇر ئارتىسلارغا دوپپا، ئەتلەس كىيىم كىيدۈرۈپ ، ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئېلىپ، بېرىپ »ئۇيغۇرلار بەختلىك ياشاۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاق «دېگەندەك يالغان تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتكەن . شەرقىي تۈركىستاندا بولسا، بەش يىل ئىلگىرى مۇسلىمە خانىم – قىزلارغا » رومال ئارتماي دوپپا كىي «دەپ، ئەرلەرگە » سەللە ئورىماي دوپپا كىي «دەپ زورلىغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يول – يوللاردىكى توساقلاردا دوپپا كىيگەن كىشىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ دوپپىلىرىنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى، ھەتتا يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى تۈەنگە چۈشۈرگەن ئاتالمىش  خىزمەت گۇرۇپپىسى (ماراقچىلار) يەنە، خەلقنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇپ چىمەن دوپپا بولسۇن، بادام دوپپا بولسۇن، ھەممىنى قويماي مۇسادىرە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.  

مەكتۇپتا يەنە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، دائىرىلەر ئورۇنلاشتۇرغان قورچاق ئەمەلدارلار ھامىلىدار ئاياللارنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن ئۆيمۇ- ئۆي ئارىلاپ يۈرگەنلىكىنى. ئىككى پەرزەنتى بار تۇرۇپ ھامىلىدار بولغانلارنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن جەرىمانە قويۇپ ياكى جازالاپ تۇغۇلمىغان تۆرەلمىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.  

مەكتۇپتا يەنە، ئالدىنقى يىللىرى خوتەن، قەشقەر ئۇيغۇرلىرى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن  كەمسىتىلىش ئەمدىلىكتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي ئىچى ۋە ھويلا -ئاراملىرىدىكى ھەر خىل چىرايىلىق نەقىشلەر بىلەن ياسالغان سۇپىلارنى قالاق مەدەنىيەت ، كونىلىق دەپ، كەمسىتىپ بارلىق سۇپىلار چېقىپ تۈزلەشكە پەقەتلا 10 كۈن ۋاقىت بەرگەنلىكىنى، يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا، »ھەر خىل نەقىش، ئويمىلار بىلەن نەپىس ئىشلەنگەن پېشايۋانلارنى چېقىپ ئۆزگەرتىدىكەن « دېگەندەك مىش- مىش گەپلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.  

مەكتۇپتا يەنە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىختىن بىرى داۋام قىلىۋاتقان شەرمى ھايالىق توي – مەرىكە قىلىش ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، ئىلگىرىكى تويلاردا بىرەر مەست كىرىپ قالسا كۆتىگە تېپىپ قوغلاپ چىقىرىدىغان مۇھىت تامامەن ئۆزگىرىپ، تويغا مەست كەلمىگەنلەرنى قالاق دەپ كەمسىتىدىغان، خەلقىمىزنى بۇزۇش ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى تۈەنگە چۈشۈرگەن ئاتالمىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ( ماراقچىلار ) مەخسۇس ھاراق ئىچىشكە تەشكىللەپ تويغا مەست ھالىتىدە كەلمىگەنلارنى ئايرىم تارتىپ چىقىپ، ھاراق ئىچكۈزۈپ ئاندىن سورۇنغا كىرگۇزىدىغانلىقىنى، ھەيدەكچىلىك قىلىمىسمۇ ھاراقنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىچكەنلەرنى مۇكاپاتلايدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكىنى، كەيپ -ساپانى يامان كۆرىدىغان خەلقىمىزنى مەجبۇرى كەيپ -ساپاغا كۆندۈرۈۋاتقانلىقىنى  ئاشكارىلىغان .

بۇ خەۋەر 1593 قېتىم كۆرۈلدى
11/08/2020 16:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق