مىيۇنخېن شەھىرىدە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى

مىيۇنخېن شەھىرىدە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
8- ئاۋغۇست گېرمانىيەدىكى ياشلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن مىيۇنخېن شەھىرىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش سىياسىتىگە قارىشى نامايىش پۈتكۈزۈلگەن .

30 نەچچە كىشىدىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى نامايىش قىلغان.

 نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، دىنى ئىشلار مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى، ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلغان ھەمدە مۇھىم سۆز قىلغان.
نامايىشتا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرى ئىپادىلەنگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار « لاگېرلار تاقالسۇن»، « ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.

 ئەنۋەرجان ئەپەندى بىلەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتايغا قارشى  بايانات ئېلان قىلغان ھەمدە چەتئەللىكلەرگە  شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان لاگېرلار ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىنى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرلىك ۋەزىيەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان.

بۇ خەۋەر 3157 قېتىم كۆرۈلدى
10/08/2020 17:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق