خىتاي ۋىرۇس يۇقۇم باھانىسى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلماقتا

خىتاي ۋىرۇس يۇقۇم باھانىسى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلماقتا

9- ئاۋغۇست ۋەتەندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋىرۇس يۇقۇم باھانەسى بىلەن  شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاينىڭ يۇقۇم باھانىسى بىلەن يۇقۇم كۆرۈلمىگەن رايونلاردىمۇ خەلقىمىزنى ئۆيلىرىگە نەزەربەند قىلىش سەۋەبلىك ئاتۇشنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسىدا بىر دېھقاننىڭ 130 گېكتار كۆلەمدىكى تاۋۇزنىڭ يول تاقالغانلىقى سەۋەبلىك ساتالماي سېسىشقا باشلىغانلىقى، ھەقسىز ئېلىپ كەتسە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن.  

«يۇقۇم سەۋەبىدىن يول تاقىلىپ قالغاچقا،  بىز سىرتقا چىقالماي 130 گېكتار يەردىكى تاۋۇز پىشىپ ساتالماي قالدۇق. تاۋۇز ئېتىزدا تۇرۇپ پىشىپ سېسىپ كەتكەندىن ياخشىراق دەپ قارىدۇق. شۇڭا، قولىدا  يول يۈرۈش خېتى بار ھەر قانداق كىشى، ئاپتوموبىل بىلەن مەيلى باشقا قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن كېلىپ قانچىلىك ئېلىپ كېتەلىسە  ئېلىپ كەتسە بولىدۇ. تاۋۇز ھەقسىز،  بىر سوم پۇل ئالمايمىز. بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەن ھەر بىرىڭلاردىن ھەر قايسى توپلارغا ھەمدە دوستلۇق چەمبىرىكىگە چىقىرىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز!

  تاۋۇزلۇقنىڭ ئۇنى ئاقتۇ ناھىيە پىلال يېزا 17-كەنت 1-مەھەللە.

بۈگۈن كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى شەرقىي تۈركىستاندىن ئىستىقلال بۆلۈمىمىزگە ئۇچۇر يوللاپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋىرۇس باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىگە قەستەن قاماپ، خەلقنىڭ پىسخىكىسىنى بۇزۇشقا باشلىغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىلەر ئائىلىدە ئاچ قالغانلىقىنى، خىتاينىڭ مەقسىتى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولماستىن بەلكى ئۇيغۇرلارنى قىيناش ئىكەنلىكىنى، ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.  

يېقىندىن بىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ھەمدە ئىشەنچلىك خەۋەر مەنبەلىرىدە ئاشكارىلىنىشچە ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خەلقىمىزنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ كونترول قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ھەمدە باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەلقىمىزنى ھازىرقى مول ھوسۇل ئالىدىغان مۇھىم مەزگىلدە، ئۆيلىرىگە نەزەربەند قىلغان. 4 يىلنىڭ ئالدىدا بىر كىلو گىرامى 50 سۇمدىن ساتىدىغان شاپتۇل، توغاچلارنى ساتالماي تۆكۈۋەتكەن. خىتاينىڭ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن نەزەربەند قىلىشى، ئىش قىلالايدىغان ئائىلە كىشىلىرىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تۇتقۇن قىلغانلىقى سەۋەبلىك خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى قاتتىق ناچارلاشقان. ھەتتا بازاردىن شاپتۇل، ئۈرۈك دېگەندەك مېۋىلەرنى سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان ھالەتكە كەلگەن.

بۇ خەۋەر 1276 قېتىم كۆرۈلدى
10/08/2020 17:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق