شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇم يەنە داۋام قىلماقتا

شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇم يەنە داۋام قىلماقتا

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 14 ئىكەن.

9-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن 14 كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. بۇلار ئىچىدە ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلار يەتتە كىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئىكەن.   بىمارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك، 23 بىمارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە يۇقۇملانغۇچىلار 592 ،  ئۈرۈمچىدە  589 ، قەشقەردە بىر، سانجىدا بىر، دىۋىزىيەدە بىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 123 بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 122، سانجىدا بىر ئىكەن. سالامەتلىك ئەسلىگە كەلگەن بىمارلار 185 گە چىققان. شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلار جەمئىي 16947 گە چۈشكەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى داۋاملىشىۋاتقان ھەي قايسى رايونلارنى دەرىجىگە بۆلگەن. بىرىنچى دەرىجىلىك خەتەرلىك رايون قاتارىغا تىزىلغان ئۈچ رايون بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى بىلەن سايباغ رايونى. خىتاي ئۆلكىلىرى ئىچىدە دالىيەننىڭ گەنجىڭزى رايونى بار ئىكەن. ئىككىنچى دەرىجىلىك خەتەرلىك رايون ئىچىدە ئۈرۈمچى تۈدۇنخى رايونى بىلەن يېڭى شەھەر رايونى بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1162 قېتىم كۆرۈلدى
10/08/2020 16:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق