تۇرپاندا 4.8 بال يەر تەۋرىدى

تۇرپاندا 4.8 بال يەر تەۋرىدى

خىتاي يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ بۈگۈنكى تىز خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپاندا 4.8 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 20 كىلومېتىر بولغان.

بۇ قېتىمقى تەۋرەشتە 20 كىلو مېتىر دائىرە ئىچىدە ئاھالە يوق ئىكەن. تەۋرەش 50 كىلومېتىر دائىرە ئىچىدىكى قىسمەن كەنتلەرگە تەسىرگە قىلغان .

يەر تەۋرەش مەركىزى رايونىنىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 34 كىلومېتىر ، داۋانچىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى 54 كىلومېتىر ، تەڭرىتاغ رايونى بىلەن بولغا ئارىلىقى 63 كىلومېتىر ، سايباغ رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 64 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

 مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە  يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ 200 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە 3 بال ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى 89 قېتىم يەر تەۋرىگەن. 2016- يىلى 12-ئاينىڭ 8- كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سانجىنىڭ قۇتۇپى ناھىيەسىدە ئېغىر يەر تەۋرىگەن تەۋرىگەن بولۇپ تەۋرەش دەرىجىسى 6.2 بالغا يەتكەن.    

بۇ خەۋەر 1167 قېتىم كۆرۈلدى
08/08/2020 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق