شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا 25 كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان.

7-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن 25 كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. شەرقىي تۈركىستان بويىچە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 640 بولۇپ، بۇلار ئىچىدە ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلار 8 كىشى ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئىكەن. 10 بىمارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك، 24 بىمارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار 637، قەشقەردە بىر، سانجىدا بىر، دىۋىزىيەدە بىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 127 بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 126، سانجىدا بىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلار جەمئىي 20325 گە يەتكەن.

7-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر شەرقىي تۈركىستان بويىچە سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بىمار 108، يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار 25، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 127 بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى 126بىمار ئۈرۈمچىدە ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1390 قېتىم كۆرۈلدى
08/08/2020 15:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق