خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى

خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى

بۈگۈن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت ئەنقەرەدە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى.

ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، شەرقىي تۈركىستان مېدىيا ۋە ئاخبارات جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەن، شەرقىي تۈركىستان سودا -سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ  ۋەكىلى نىزامىدىن تەمكىنىي، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى رەئىس ۋەكىلى دوكتۇر ئابدۇلكېرىم بۇغرا، شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىس ۋەكىلى ئادىل مۇھەممەتئوغلۇ قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھەيئەتنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.

ھەيئەت مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن خاتىرە گىلەم ھەدىيە قىلدى.

.

بۇ خەۋەر 3500 قېتىم كۆرۈلدى
07/08/2020 18:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق