خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇمنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇمنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلدى

6- ئاۋغۇست ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا «ۋىرۇسنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسى بىلەن يېڭىچە زۇلۇملارنى كەشىپ قىلغان.

 سىندا ئەسكەر كىيىمى كىيگەن قورچاق ئەمەلداردىن بىرى قەشقەرنىڭ  مەلۇم ناھىيەسىگە تەۋە ئائىلە ئىشىكىنىڭ ئىككى قانىتىنى چېتىپ كەپشەرلەشكە باشلىغان. سىن ئالغۇچى كىشى: (مەھەللىنىڭ قورچاق ئەمەلدارى بولسا كېرەك) «مانا بۇ پېچەتنى يىرتىپ تالاغا چىقىپ خاپا قىلغاننىڭ ئاقىۋىتى، كۆرۈڭە مانا !» دەپ باشقا ئائىلىلەرگە قورقاق سالغان. قورچاق ئەمەلدارنىڭ سۆزى سىرتقا چىقىشنى چەكلەش ئۈچۈن ئائىلە ئىشىكلىرىگە چاپلانغان پېچەتلەرنى ئاچقانلارنىڭ ئېشىك، دەرۋازىلىرى كەپشەرلىنىپ تاقىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خىتاي بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىدە تارقالغان ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق يېزا كەنتلىرىدە ئائىلىلەرنىڭ ئىشىكلىرىنى تاقاپ سىرتقا چىقىشنى چەكلىگەن ئىدى. ئالدىنقى ئايلاردا خىتاي ۋىرۇسنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدە يېڭىچە ئۇسۇلنى كەشىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرنىڭ ئىشىكىگە پېچەت چاپلىغان ئىدى. بۇ قېتىم خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە ۋىرۇس باھانىسى بىلەن يېڭىچە باستۇرۇش، يېڭىچە زۇلۇم قىلىش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېشىكىنى كەپشەرلەپ تاقىغان.

يەنە بىر سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە، يۈك ئاپتوموبىلى بار ئائىلىلەرنىڭ يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئىشىكىگە پېچەت چاپلاپ ، ماشىنىلارنىڭ يولغا چىقىشنىلا ئەمەس بەلكى ئاپتوموبىلنىڭ ئېشىكىنى ئېچىشنىمۇ چەكلىگەن.

بۇ خەۋەر 1619 قېتىم كۆرۈلدى
07/08/2020 15:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق