شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇم يەنە داۋام قىلماقتا

شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇم يەنە داۋام قىلماقتا

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 643 گە چىققان.

6-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن 26 كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. بۇلار ئىچىدە ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلار 10 كىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئىكەن. توققۇز بىمارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك، 19 بىمارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار 643، قەشقەردە بىر، سانجىدا بىر، دىۋىزىيەدە بىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 128 بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 127، سانجىدا بىر، دىۋىزىيەدە بىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلار جەمئىي 19546 گە يەتكەن.

6-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر شەرقىي تۈركىستان بويىچە سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بىمار 80، يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار 26، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 128 بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى 127بىمار ئۈرۈمچىدە ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1194 قېتىم كۆرۈلدى
07/08/2020 14:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق