قەشقەرنى خىتاي مەركىزىگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە ئۆزگەرتىش پىلانلانغان

خىتاي قەشقەرنى بېيجىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان

جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ »سىياسەت «بېتىدە خىتاي ئاكادېمىكلىرى قەشقەرنى بېيجىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە ئۆزگەرتىپ كونترول قىلىش ھەققىدە خىتاي كومپارتىيەسىگە تەكلىپ سۇنغانلىقى ئەمما بۇ مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.  

تەكلىپتە ، قەشقەر شەھىرىگە بېيجىڭ ، تيەنجىن ، شاڭخەي ۋە چۇڭچىڭ بىلەن تەڭ مەركەزلىك باشقۇرۇلىدىغان شەھەر سالاھىيىتى بېرىش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللانغان. بۇنىڭ ئىچىدە 2010-يىلى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇش پىلانىمۇ بار بولۇپ، دائىرىلەر قەشقەر شەھىرىنى بېيجىڭغا قاراشلىق بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان شەھەرگە ئۆزگەرتىش  تەكلىپىدە بىرلىككە كېلەلمىگەن. مەزكۇر تەكلىپ خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قارمىقىدىكى جۇغراپىيە پەنلىرى ۋە تەبىئىي بايلىق تەتقىقات ئورنى تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان. ئالدىنقى ھەپتە ئاكادېمىيەنىڭ ئاخباراتىدا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەر توپىغا كىرگۈزۈلگەن.

مەزكۇر مۇھاكىمە ماقالىسىدە ، 14-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە (2021-25) خىتاي ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مەمۇرىي ۋە رايون باشقۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى تەھلىل قىلىنغان بولۇپ،  بۇ ماقالە تاراتقۇلاردا كەڭ مۇنازىرە قوزغىغان. خىتاي تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى بۇ پىلانغا ئاخىرقى قاراپ چىقىش يەسلىسىنى ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان كوممۇنىستىك پارتىيە يىغىنىدىن بۇرۇن باشلىشى مۇمكىن ئىكەن.  دائىرىلەر كېلەر يىللىق خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا مۇزاكىرە قىلىپ تەستىقلايدىكەن.

ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،  خىتاي چېگرا شەھەرلىرىدىكى شەھەرلىشىشنى تېزلىتىش خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاپ ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. بولۇپمۇ ، 4 مىليون 600 مىڭ نوپۇسى بار قەشقەرگە بېيجىڭ ، تيەنجىن ، شاڭخەي ۋە چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن تەڭ مەركەزلىك بىۋاسىتە باشقۇرۇلىدىغان شەھەرلىك سالاھىيىتى بېرىلىشى كېرەك ئىكەن. قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان چېگراسىغا يېقىن ، قەشقەر 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مۇھىم سودا شەھەرلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن. قەشقەردە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نوپۇسى كۆپ ئىگىلىگەن بولغاچقا، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى خەلقنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئالغان.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيەت ئەھۋالىنى بىلىدىغان بېيجىڭدىكى مەلۇم كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەرنىڭ قەشقەرنىڭ مەمۇرىي ئورنى مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان كۆز قارىشى بار ئىكەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەخمىنەن ئىككى يىل ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتلارنى تەلەپ قىلىشقا باشلىغان.  شۇنىڭدىن كېيىن ئاقىللار ئامبىرى ئۆزلىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى ، جۈملىدىن قەشقەرگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم باشلامچى گۇرۇپپىغا سۇنغان. بۇ تەكلىپلەر ئىچىدە، قەشقەرنى بېيجىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق مەركەزلىك باشقۇرۇلىدىغان شەھەرگە ئۆزگەرتىش تەكلىپى بار ئىكەن  ئەمما بۇ تەكلىپتە ئاكادېمىكلار ئارىسىدا  بىردەكلىك يوق ئىكەن.

بۇ تەكلىپ پىكىرنى يەنە، خىتاي خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە ، خىتاي دائىرىلىرى 2010-يىلى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىلان دائىرىسى ئىچىدە، قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللانغان. ئەمما ئۆتكەن يىلى بۇ شەھەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىم مىقدارى ئاران 22 مىڭ 700 يۈەن (3250 دوللار) بولۇپ ، ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ يىللىق كىرىم مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىكەن.

يەنە باشقا مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە،  گەرچە قەشقەر يىپەك يولىدىكى بېكەت سۈپىتىدە خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ئىگە بولسىمۇ ، ئەمما ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبلىك ئالاھىدە رايون قىلىشقا  توسالغۇ بولىدىكەن.

شەرقىي تۈركىستاننى ئۇزاقتىن بىرى تەتقىق قىلىپ كەلگەن مەنبەنىڭ كۆرسىتىشىچە، قەشقەردىكى ھەر قانداق ئۆزگىرىشى ئاتالمىش شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى(XPCC) يەرلىك ھەربىي ئورگان ۋە يەرلىكنىڭ سىياسىتى ۋە مۇقىملىقىدا خېلى زور تەسىرگە ئىگە بولغاچقا ، ئەستايىدىل باشقۇرۇشقا توغرا كېلىدىكەن. » بۇ مۇرەككەپ سىستېمىغا قانداق كىشىلەرنى قاتناشتۇرۇش كېرەك؟ « دېگەن مەسىلىدە : ئاتالمىش شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى ( XPCC ) بىلەن ئاتالمىش شىنجاڭدىكى رايونلۇق ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا پۇل-مۇئامىلە ۋە تەبىئىي بايلىق مەسىلىسىدە سۈركىلىش بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1575 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2020 18:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق