خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتتى

 

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتتى

ئاتالمىش شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 3- ئاۋغۇست بەرگە خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە ،  خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھەر كۈنى شەرقىي تۈركىستاندىن 10 مىڭ ۋاگون بايلىقنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىمەكتە ئىكەن.  

خىتاي تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ،  7 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈر يولىدا كۈندىلىك يۈك قاچىلانغان ۋاگون سانى ئۇدا 11 كۈن 10 مىڭدىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلاپ، كۈندىلىك ۋاگونغا يۈك قاچىلاش تارىخىي رېكورتىنى يېڭىلىغان.

خىتاي تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى توشۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرغا: «8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى 10 مىڭ 500 ۋاگونغا يۈك قاچىلاپ، تارىخىي يېڭى سەۋىيە ياراتتۇق» دېگەن. ئەگەر شۇ كۈنى يۈك توشۇغان 10 مىڭ 500 ۋاگون بىر - بىرىگە چېتىلسا، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 130 كىلومېتىرغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھەر كۈنى 10 مىڭ ۋاگوندىن قاچىلاپ يۆتكىلىۋاتقان بايلىقلار كۆمۈر، مېتال رۇدىسى، پاختا قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئىكەن. خىتاى تۆمۈريول تارماقلىرى يېقىنقى يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قېزىلما بايلىقلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سالمىقىنى ئاشۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي رايونىنىڭ پاختا، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى پويىزلارنى كۈتۈۋالىدىغان، يولغا سالىدىغان، گۇرۇپپىلايدىغان ئەڭ چوڭ «پورت»قا ئايلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە يېقىندىن بىرى خىتاي ۋىرۇسى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينى سودا ساھەسىدە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاپەت قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك خىتاي ئىقتىسادىدا چېكىنىش بولغان. خىتاي ئۆز ئېھتىياجىنى قامداش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتاننىڭ بايلىقلىرىنى كۈچەپ بۇلاڭ- تالاڭ قىلىشقا باشلىغان.  

بۇ خەۋەر 1610 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2020 15:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق