شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇم داۋام قىلماقتا

شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇم داۋام قىلماقتا  

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 637 گە چىققان.

5-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن 27 كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. بۇلار ئىچىدە يەتتە بىمارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك، 19 بىمارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار 634، قەشقەردە بىر، سانجىدا بىر، دىۋىزىيەدە بىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 130 بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 128، سانجىدا بىر، دىۋىزىيەدە بىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلار جەمئىي 17301 بولغان.

5-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر شەرقىي تۈركىستان بويىچە سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بىمارلار 82 گە، يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار 27، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 130 بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى 128بىمار ئۈرۈمچىدە ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1341 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2020 15:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق