شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 618 غا چىققان.

4-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن 22 كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. بۇلار ئىچىدە توققۇز بىمارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك، 18 بىمارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار 614، قەشقەردە ئىككى، سانجىدا بىر، دىۋىزىيەدە بىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 122 بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 120، سانجىدا بىر، دىۋىزىيەدە بىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلار جەمئىي 16318 بولغان.

4-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر شەرقىي تۈركىستان بويىچە سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بىمارلار 52 گە، يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار 22، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 122 بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى 120 بىمار ئۈرۈمچىدە ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1445 قېتىم كۆرۈلدى
05/08/2020 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق