ئاتۇشتا يەر تەۋرىدى

ئاتۇشتا يەر تەۋرىدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 3- ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇشتا  4.6 بال يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش- ئۆلچەش ئىستانسىسى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،  2- ئاۋغۇست ئەتىگەن سائەت 07:58 دە خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش-ئۆلچەش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 8-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 07:47دە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش شەھىرى (شىمالىي كەڭلىك 39.92 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.30 گىرادۇس) دە 4.6 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 20 كىلومېتىرغا يەتكەن.

تەۋرەش مەركىزىنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 69 كىلومېتىر، يوپۇرغا ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 89 كىلومېتىر، ئاتۇش شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 99 كىلومېتىر، مارالبېشى ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 108 كىلومېتىر، مەكىت ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 117 كىلومېتىر، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 كىلومېتىر، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 958 كىلومېتىر بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تەۋرەشنىڭ تەسىرى قەشقەردىمۇ بىلىنگەن بولۇپ، كارىۋاتلار تىترەپ كەتكەن.

پەيزىۋات ۋە قەشقەردىكى كىشىلەر تەۋرىشنىڭ تەسىرىدىن ئويغىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار تەۋرەشنىڭ 6 بالدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن بولسىمۇ بىراق دائىرىلەر تەۋرەشتە كېلىپ چىققان ئىقتىسادى زىيان ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.  

بۇ خەۋەر 1259 قېتىم كۆرۈلدى
04/08/2020 18:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق