شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 600 دىن ئاشتى

شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 600 دىن ئاشتى

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 606 غا چىققان.

3-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن 28 كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. بۇلار ئىچىدە ئالتە بىمارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك، 21 بىمارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار 602، قەشقەردە ئىككى، سانجىدا بىر، دىۋىزىيەدە بىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 114 بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 112، سانجىدا بىر، دىۋىزىيەدە بىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلار جەمئىي 15213 بولغان.

3-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر شەرقىي تۈركىستان بويىچە سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بىمارلار 42 گە، يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار 28 گە يەتكەن. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 37 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1377 قېتىم كۆرۈلدى
04/08/2020 18:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق