كۆك ئاي جەمئىيىتى مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزغا قۇربان ھېيت ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى

كۆك ئاي جەمئىيىتى مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزغا قۇربان ھېيت ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى
ئۇزۇندىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىشلىرىغا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىۋاتقان كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تېخىمۇ ئالدىراش كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردى.
بۇ يىل شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىچىدە قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان قېرىنداشلارغا قۇربانلىق گۆش يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھېيتتىن بۇرۇنلا تەييارلىق خىزمەتلەرگە تۇتۇش قىلىنغان بولۇپ، كۆي ئاي خادىملىرىنىڭ ھېيت نامازدىن كېيىن باشلانغان جىددى خىزمەتلىرى بۈگۈن ئاخىرلاشتى.
بۇ يىل كۆك ئاي جەمئىيىتى ھەرقايسى ياردەم سۆيەر خەلقىمىز ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ خەير ئېھسانلىرى ئارقىلىق 650 تۇياق قوي 50 كالا قۇربانلىق قىلىپ، قۇربانلىق قىلالمىغان مىڭلارچە ئائىلىگە قۇربان ھېيتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى.
كۆك ئاي جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ خىزمەتنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىغا سەۋەپچى بولغان بارلىق تەشكىلات ۋە قېرىنداشلارغا، شۇنداقلا ھېيت-بايرام دېمەستىن جاپالىق خىزمەت قىلغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن ھەسسىلەپ ئەجىر-مۇكاپات تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 3645 قېتىم كۆرۈلدى
04/08/2020 07:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق