خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇمغا قارشى تەدبىرلىرى گۇمان قوزغىماقتا

شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قايتىدىن كۆپىيىشى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ يۇقۇمغا قارشى قوللانغان تەدبىرلىرى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇم باھانىسى بىلەن ئىشىكلەرگە قەغەز پېچەت چاپلىنىشتىن سىرت، يەنە سىگنال بېرىش ئۈسكۈنىسىمۇ ئورنىتىلغان. ئەگەر ئاھالىلەر سىرتقا چىقىش ئۈچۈن ئىشىكنى ئاچسا، ئۈسكۈنە ئاپتوماتىك ھالدا ساقچىخانىغا سىگنال يەتكۈزىدىكەن. گەرچە خىتاي دائىرىلىرى پۇقرالارغا يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يېمەكلىك ۋە سەي-كۆكتاتلارنى بازار باھاسىدىن نەچچە ھەسسە قىممەت سېتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.
نۆۋەتتە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۈرۈمچىدە بولۇپ، قەشقەردىن بىر، سانجىدىن بىر يۇقۇملانغۇچى بايقالغان. ئەمما ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يەكەن ناھىيەسى قاتارلىق كۆپلىگەن رايونلاردا پۇقرالارنىڭ سىرتقا چىقىشى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن. تارقالغان مەلۇم بىر ئۇقتۇرۇشتا يەكەن ناھىيەسى تەۋەسىدە ئىككى كۈن ئومۇميۈزلۈك توك توختايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. پۇقرالارنىڭ سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەن، يېمەكلىك قىس بولۇۋاتقان بىر پەيتتە دائىرىلەرنىڭ تۇيۇقسىز توكنى ئۈزۈۋېتىشى بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك گۇمانلارغا سەۋەب بولماقتا.
بۇلاردىن سىرت ئېرىشكەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پۇقرالار قۇربان ھېيتنى ئۆيىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان بولۇپ، ئۆزئارا ھېيتلىشىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان.

 
بۇ خەۋەر 1289 قېتىم كۆرۈلدى
03/08/2020 13:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق