شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى داۋاملىق كۆپەيمەكتە

شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى داۋاملىق كۆپەيمەكتە

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 590 غا چىققان.

2-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن 28 كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. بۇلار ئىچىدە بەش بىمارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك، 21 بىمارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار 586، قەشقەردە ئىككى، سانجىدا بىر، دىۋىزىيەدە بىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 116 بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 114، سانجىدا بىر، دىۋىزىيەدە بىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلار جەمئىي 14939 بولغان.

2-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر شەرقىي تۈركىستان بويىچە سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بىمارلار 30 گە، يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار 28 گە يەتكەن. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى سەككىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1328 قېتىم كۆرۈلدى
03/08/2020 13:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق