خىتاي جالالىدىن بەھرامنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى تارقىتىشنى چەكلىدى

خىتاي جالالىدىن بەھرامنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى تارقىتىشنى چەكلىدى

22-ماي ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاتاقلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى تارقىتىشنى چەكلىگەن.
مول ھوسۇللۇق يازغۇچى جالالىدىن بەھرام 16-ماي ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، دەسلەپتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئۇندىدار سۇپىلىرىدا مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كۆپلەپ تارقالغان. خەۋەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ تارقىلىشىدىن ئەنسىرىگەن خىتاينىڭ تور بىخەتەرلىك ئىدارىسى ھەر قايسى تور بېكەت ۋە ئۈندىدار سۇپىسى باشقۇرغۇچىلىرىغا مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى خەۋەرنى دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان ھەمدە مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى تارقاتقان كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا چاقىرتىلىپ، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان.
جالالىدىن بەھرام 1942-يىلى غۇلجىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1963-يىلى ئۈرۈمچىدىكى سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ رەسساملىق كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خوتەنگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ئۇنىڭ ياشلىق ۋە ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرى خوتەندە ئۆتكەن. ئۇ 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۈرۈمچىدىكى خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇنلىغان رومان ۋە ھېكايە-پوۋېستلارنى ئېلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 1391 قېتىم كۆرۈلدى
23/05/2019 13:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق