شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلار داۋاملىق كۆپەيدى

شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلار داۋاملىق كۆپەيدى

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 547 كە چىققان.

31-ئىيۇل سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن 31 كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. بۇلار ئىچىدە يېڭىدىن بايقالغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 30 ئىكەن.

يۇقۇملانغۇچىلاردىن دىۋىزىيەدە بىر كىشى، قەشقەردە بىر كىشى، سانجىدا بىر كىشى بار بولۇپ، قالغان 544 بىمارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەش بىمارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك، 27 بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن.

شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 109 بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 107، دىۋىزىيەدە بىر، سانجىدا بىر ئىكەن.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئايرىپ تەكشۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 14540 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 1590 قېتىم كۆرۈلدى
01/08/2020 14:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق