شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلار 500 دىن ئېشىپ كەتتى

شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلار 500 دىن ئېشىپ كەتتى

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 523 كە چىققان.

30-ئىيۇل سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن 112 كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. بۇلار ئىچىدە يېڭىدىن بايقالغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 30 ئىكەن.

يۇقۇملانغۇچىلاردىن دىۋىزىيەدە بىر كىشى، قەشقەردە بىر كىشى، سانجىدا بىر كىشى بار بولۇپ، قالغان 520 بىمارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەش بىمارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك، 27 بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن.

شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 143 بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 140، دىۋىزىيەدە بىر، سانجىدا ئىككى ئىكەن. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئايرىپ تەكشۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 12416 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 1571 قېتىم كۆرۈلدى
31/07/2020 11:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق