شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلار 400دىن ئاشتى

شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلار 400دىن ئاشتى

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 414كە چىققان.

29-ئىيۇل سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن 96 كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. بۇلار ئىچىدە يېڭىدىن بايقالغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 18 ئىكەن.

يۇقۇملانغۇچىلاردىن دىۋىزىيەدە بىر كىشى، قەشقەردە بىر كىشى بار بولۇپ، قالغان 412 بىمارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى بىمارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك، 22 بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن.

شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 143 بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 140، دىۋىزىيەدە بىر، سانجىدا ئىككى ئىكەن. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئايرىپ تەكشۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 12313 گە يەتكەن.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋىرۇسنىڭ ئولتۇراق بىنالاردىكى يۇندى يولى ئارقىلىق باشقا ئائىلىلەرگە تارقالغان بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنغان. ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى ئۈندىدار ئارقىلىق ھاجەتخانىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن دېزىنفېكسىيە قىلىشنى، يۇندى ئېغىزىنىڭ تۆشۈكىنى دائىم ئېتىپ قويۇشنى ئۆزئارا جېكىلەشكەن.

بۇ خەۋەر 1735 قېتىم كۆرۈلدى
30/07/2020 14:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق