خىتاي ئۇيغۇرلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە قىستىماقتا

خىتاي ئۇيغۇرلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە قىستىماقتا

-27ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۈرۈمچى ئاھالىسىگە 20 كۈن ئىچىدە 350 توننا قوي ۋە كالا گۆشى تارقىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا، يېڭى قوي گۆشىنىڭ بىر كىلوگىرامى 60 سوم باھادا، يېڭى كالا گۆشى (سۆڭەكتىن ئايرىلغان)نىڭ بىر كىلوگىرامىنىڭ 66 سوم باھادا تارقىتىلىدىغانلىقىنى، 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ 20 كۈنگىچە بىر كىلوگىرامى 11 سوم باھادا 100 توننا توڭلىتىلغان توخۇ گۆشى تارقىتىلىدىغانلىقىنى، بىر ئادەم بىر كۈندە بەش كىلوگىرامدىن ئارتۇق سېتىۋالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئەمما ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا ئىشلىرى ئىدارىسى 25-ئىيۇل جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، تەڭرىتاغ رايونىدىكى بارلىق گۆش دۇكانلىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خۇاڭ نىيۇ يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق پەن تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدىن گۆش سېتىۋېلىش كېرەكلىكىنى، يۇقىرىنىڭ جىددىي ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن باشلاپ، رايونغا زاپاس ساقلانغان كالا گۆشى ۋە قوي گۆشى تارقىتىش ۋاقتىنچە توختىتىلىدىغانلىقى، لېكىن چوشقا ۋە توخۇ گۆشى داۋاملىق تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاخىرىدا يەنە تەھدىت تەرىقىسىدە بارلىق گۆش دۇكانلىرىنىڭ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ چەكلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ بازار باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بىتەرەپ قىلىشقا تاپشۇرۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان قوي ۋە كالا گۆشى تارقىتىشنى چەكلەپ، ئەكسىچە چوشقا گۆشى تارقىتىش قىلمىشى ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ تارقىتىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقان سىياسىيونلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 1982 قېتىم كۆرۈلدى
30/07/2020 13:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق