خىتاي ۋىرۇس باھانەسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى خورلىماقتا

خىتاي ۋىرۇس باھانەسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى خورلىماقتا

28- ئىيۇل ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تاقالغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر خىل ئۇسۇلدا خورلىغان.

سىندا خوتەننىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى قورچاق ئەمەلدار «سىرتقا چىقىشنى چەكلەش بۇيرۇقى»غا ئەمەل قىلمىغاننى باھانە قىلىپ، ئىككى ئايالنى «كوچىدا يۈگۈرۈش جازاسى» بىلەن جازالىغان. قورچاق ئەمەلدار يۈگۈرۈۋاتقان ئايالنى ئېغىز ئالغۇسىز ھاقارەت سۆزلىرى بىلەن ھاقارەتلىگەن.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش باھانىسى بىلەن ھەر قايسى ئائىلىنىڭ ئىشىكلىرىنى پېچەتلەپ سىرتقا چىقىشنى مۇتلەق چەكلىگەن . ئىشىككە چاپلانغان پېچەتتى « ئۆيدە ئارام ئېلىڭ » دەپ يېزىلغان.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالدىن تارقالغان يەنە بىر سىندا، خىتاينىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى ئوينىڭ سىرتىدىكى كىشىلەرنى چاقىرىپ كېلىپ ئۆيگە سولاپ، ئىشىككە پېچەت چاپلىغان. خەلقىنى ئۆيىدىن قەتئى چىقماسلىقى كېرەكلىكىنى تاپىلىغان .

بۇ خەۋەر 1772 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2020 16:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق