شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 322 گە ئۆرلىدى

شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى  322  گە ئۆرلىدى

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى    چىققان.

28- ئىيۇل سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە 89  كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. بۇلار ئىچىدە يېڭىدىن بايقالغان ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى43   بولۇپ ، بۇلار ئىچىدىكى 15 بىمار ئۈرۈمچىدە بايقالغان.  

 دىۋىزىيەدە 1،  قەشقەردە  1 كىشى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 322  گە ئۆرلىگەن. بۇلار ئىچىدە 3 بىمارنىڭ كېسەل ئەھۋالى خەتەرلىك ، 16 بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن.

شەرقىي تۈركىستان بويىچە، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 133 بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 130 ، دىۋىزىيەدە 1  سانجىدا 2 ئىكەن. نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستان بويىچە، ئايرىپ تەكشۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 9121 گە يەتكەن.

چاڭشىيا كەچلىك گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ  دالىيەندە 8 كىشىنىڭ يېڭىدىن خىتاي ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. ئۇندىن باشقا يېڭىدا ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلاردىن 4 كىشى بايقالغان.  3 بىمارنىڭ كېسەل ئەھۋالى ئېغىر،  3 بىمارنىڭ كېسەل ئەھۋالى يېنىك ئىكەن. ئۆلكە بويىچە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 52 ئىكەن

بۇ خەۋەر 1909 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2020 15:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق