بەيازىتتا خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىندى

بەيازىتتا خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىندى

27- ئىيۇل ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، سەۋەبسىز لاگېرغا تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي تۈرمىسى ھەمدە لاگېرلاردا ئازاپ چېكىۋاتقان ئاتا – ئانىسى ، تۇغقانلىرى ، پەرزەنتلىرى ھەمدە دوستلىرىنىڭ رەسىملىرىنى تۇتقان ياشلار بىر – بىرلەپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ، قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا پاش قىلدى.

قىسمەن ياشلار ئۆزىنىڭ دادىسى ياكى ئاكىسىنىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، 10 نەچچە يىل جازالانغانلىقىنى ئۇلارنىڭ رەسىملىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش جەريانلىرىنى ئېنىق، پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان دادىسى  ھەمدە تۇغقانلىرىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.

ياشلار يەنە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى  خالىسا تۈرمىگە ، خالىسا لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، خالىسا ئېتىقادىدىن ۋازا كېچىشكە مەجبۇر قىلغانلىقىنى،  خالىسا مەدەنىيىتىنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، خىتاينىڭ نە ئۆزى چىقارغان قانۇن ياكى خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلماي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە چەكلىمىسىز  مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەھۋال شۇنچە ئېچىنىشلىق تۇرۇپ خىتاي ۋاسىتە تاللىماي » ئۇيغۇرلار خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، تېررورچىلارغا زەربە بېرىۋاتىمىز « دېگەن يالغان سۆزلەر بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىدى .

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بىرىۋاتقان  جىنايىتى  ھەققىدىكى گۇۋاھلىق ۋە بايانات  خىتايچە، ئىنگلىزچە ، تۈركچە، ئەرەبچە تۆت خىل تىلدا بېرىلدى. ياشلار بايانات  ئارىلىقىدا  » ئەي خىتاي تۇغقانلىرىمىزنى قويۇپ بەر «، » لاگېرلار تاقالسۇن «دېگەندەشوئارلارنى توۋلىدى.

 

بۇ خەۋەر 3488 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2020 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق