ئۈرۈمچىدە كالا گۆشى بىلەن قوي گۆشىنى تارقىتىش چەكلەندى

ئۈرۈمچىدە كالا گۆشى بىلەن قوي گۆشىنى تارقىتىش چەكلەندى

25- ئىيۇل ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق سۇدا ئىشلىرى ئىدارىسى قىزىل باشلىق جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونىدا كالا گۆشى بىلەن قوي گۆشى سېتىشنى ۋاقىتلىق توختاتقان.

جىددىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن:

1. رايون تەۋەلىكىدىكى بارلىق كۆكتات سېتىش نۇقتىلىرى شىنبېي يۈەنچۈن بازىرى، شىنلىيەن بازىرى ۋە لىڭچىڭ بازىرىدىن كۆكتات كىرگۈزىدۇ. (جيۇدىڭ بازىرى تاقىلىدۇ)

2 .تەڭرىتاغ رايونىدىكى بارلىق گۆش دۇكانلىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خۇاڭ نىيۇ يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق پەن تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدىن گۆش سېتىۋالىدۇ.

3. بارلىق گۆش دۇكانلىرى رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ چەكلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك، خىلاپلىق قىلغۇچىلار بازا باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بىتەرەپ قىلىشقا تاپشۇرۇلىدۇ.

4. يۇقىرىنىڭ جىددىي ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن باشلاپ، رايونغا زاپاس ساقلانغان كالا گۆشى ۋە قوي گۆشى تارقىتىش ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ،  لېكىن چوشقا ۋە توخۇ گۆشى داۋاملىق تارقىتىلىدۇ.

تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا ئىشلىرى ئىدارىسى

2020- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى»  

بۇ خەۋەر 2582 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2020 15:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق