خىتاي مەسچىتنى كىيىم- كېچەك كارخانىسىغا ئۆزگەرتكەن

خىتاي مەسچىتنى كىيىم- كېچەك كارخانىسىغا ئۆزگەرتكەن

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنغا قارىشى قىلمىشلىرى خەلقئارادا ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانا ۋە باشقا ئورگانلىرى ئارقىلىق خەلقئارادا ئاشكارا بولغان جىنايەت پاكىتلىرىنى ۋاسىتە تاللىماي يوشۇردى . خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەپ قىلىشقا باشلىغان بىر پەيتتە ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نامەلۇم  بىر مەسچىتنى « كىيىم -كېچەك كارخانىسى « قىلىپ ئۆزگەرتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا نامەلۇم بىر مەسچىتنىڭ دەرۋازىسى ئۈستىگە » ھەمراھ كىيىم -كېچەك كارخانىسى « دەپ يېزىلغان پىلاكات ئېسىلغان بىر رەسىم تارقالدى. مەسچىت دەرۋازىسى ئۈستىگە ئېسىلغان پىلاكاتقا يەنە، » ھەمراھ كىيىم  - كېچەك كارخانىسىنىڭ بىرىنچى تارمىقى « دەپ يېزىلغان.

بۇ رەسىم خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى كونسۇل خادىملىرى تۈركىيەدە تەسىس قىلغان تىۋىتى قانىلى    ھەمدە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا بىلجىرلاپ تۈركىيە خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئورۇنۇپ، » شىنجاڭدىكى ( شەرقىي تۈركىستان)دىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دىنى ئېتىقادى ھۆرمەت قىلىنغان ياخشى مۇھىتتا ياشاۋاتىدۇ. شۇنداق ياخشى پەيتتە ، غەرب ئەللىرى پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىۋاتىدۇ « دېگەن سۆزلىرىنىڭ تۈركىيە خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان يالغان سۆزلەر ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ تۈركىيە خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

بۇ خەۋەر 1622 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2020 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق