شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 235 گە ئۆرلىدى

شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى  235  گە ئۆرلىدى

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 235 گە چىققان.

27- ئىيۇل سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە 57  كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. بۇلار ئىچىدە يېڭىدىن بايقالغان ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى  بولۇپ ، بۇلار ئىچىدىكى 11 بىمار ئۈرۈمچىدە، 2 بىمار سانجىدا بايقالغان.  

 دىۋىزىيەدە 1،  قەشقەردە  1 كىشى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 235  گە ئۆرلىگەن. بۇلار ئىچىدە 3 بىمارنىڭ كېسەل ئەھۋالى خەتەرلىك ، 13 بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن.

شەرقىي تۈركىستان بويىچە، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 165 بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 162 ، دىۋىزىيەدە 1، سانجىدا 2 ئىكەن. نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستان بويىچە، ئايرىپ تەكشۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 8809 گە يەتكەن.

چاڭشىيا كەچلىك گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ لىياۋنىڭ ئۆلكىسىدە 6 كىشىنىڭ يېڭىدىن خىتاي ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. ئۇندىن باشقا يېڭىدا ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلاردىن 12 كىشى بايقالغان.  5 بىمارنىڭ كېسەل ئەھۋالى نورمال ،   1 بىمارنىڭ كېسەل ئەھۋالى يېنىك ئىكەن.

 ئۆلكە بويىچە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 209 گە ئۆرلىگەن. 2 كىشى ئۆلگەن.  42 ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى ئايرىپ كۆزىتىلگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، 27- ئىيۇلدىن باشلاپ خىتاينىڭ پۇجىيەت ئۆلكىسى جىددىي يۇقۇم دەۋرىگە دۇچ كەلگەن. فۇجىيەن ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى 27-ئىيۇل يېرىم كېچىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 27- ئىيۇل كەچ سائەت 23 گىچە 1495 ئادەمنى تەكشۈرگەنلىكىنى، بۇلار ئىچىدىن 106 كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ خەۋەر 1430 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2020 14:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق