بېلگىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بېلگىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىنىڭ 26- ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە  بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلغان.  

تەخمىنەن 300 كىشى بېلگىيە مەركىزى پويىز ئىستانسىسى (Gare Centrale) نىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 11يىل ئىلگىرى ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق ھەمدە ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش زىيانكەشلىك ۋە قىرغىنچىلىق قىلىش جىنايەتلىرىگە قارشى  نارازىلىق بىلدۈرگەن. نامايىشچىلار «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن!» ، « جازا لاگېرى تاقالسۇن» دېگەن شوئارلار يېزىلغان پلاكاتلارنى كۆتۈرگەن.

نامايىشتا فىرانسۇزچە ، ئىنگلىزچە ۋە گوللاندىيەچە بايانات ئېلان قىلىنىپ،  تەخمىنەن 3 مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان  خەلقىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن جازا لاگېرىغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، خىتاي بۇ پاكىتلارنىڭ خەلقئارادا ئاشكارا بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ، جازا لاگېرى قۇرۇشنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 3483 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2020 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق