بىر ئۇيغۇر يېڭىچە ئۇسۇلدا قارشىلىق كۆرسەتتى
رېفېرانىس ئاگېنتلىقىنىڭ 24- ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا قارشى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋاسىتىسى بىلەن قارشى تۇرماقچى بولغان.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھەر خىل باستۇرۇشلارغا يېڭىچە ئۇسۇلدا ئىسيان قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ، 5 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىنىڭ دېرىزە سىرتىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بىر ئۇيغۇر «مەن بۇ جاندىن تويدۇم. نېمە ئىش بۇ، ئادەمدەك ياشىيالمىدىم » دەپ ۋاقىراپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قانداق ۋەزىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم جاكارلىغان.
قارشىلىق كۆرسەتكەن كىشى سۆزىدە يەنە، ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ئۆينىڭ ئىشىكلىرى خىتاي ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن قۇلۇپلانغانلىقىنى ئاشكارىلاپ: «خىتاي بىزنى ئۆلۈمگە تاشلاپ قويدى. ئۇلار بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرۇشقا يول قويمىدى. مەن ئەمدى ياشىمايمەن» دەپ ۋاقىرىغان .