شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 178 گە ئۆرلىدى

شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى  178  گە ئۆرلىدى

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 178 گە چىققان.

26- ئىيۇل سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە 41  كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. ئۇندىن باشقا ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلاردىن  38 كىشى بايقالغان. بۇلار ئىچىدىكى 1 كىشى 12 دىۋىزىيەدە، 37 كىشى ئۈرۈمچى تەۋەلىكىدە ئىكەن. نۆۋەتتە ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 170 گە يەتكەن.

 دىۋىزىيەدە 1،  قەشقەردە  1 كىشى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 178  گە ئۆرلىگەن. بۇلار ئىچىدە 4 بىمارنىڭ كېسەل ئەھۋالى خەتەرلىك ، 14 بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن.  ئۈرۈمچىدە ئايرىپ تەكشۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 8795 ئىكەن.

چاڭشىيا كەچلىك گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ لىياۋنىڭ ئۆلكىسىدە 14 كىشىنىڭ يېڭىدىن خىتاي ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. 14 بىمارنىڭ كېسەل ئەھۋالى نورمال ،   2 بىمارنىڭ كېسەل ئەھۋالى يېنىك ئىكەن. 2 بىمار ئۆلگەن. ئۆلكە بويىچە 203 كىشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان.  36 ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى ئايرىپ كۆزىتىلگەن.

بۇ خەۋەر 1325 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2020 14:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق