ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىنجان داموللام شېھىت قىلىندى

ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىنجان داموللام شېھىت قىلىندى

ئۆزخەۋىرىمىز: ئاتاقلىق ئۇستاز ئابدۇلھېكىمخان مەخدۇم (قاغىلىق ) نىڭ بىرىنچى ئەۋلاد يېتىشتۈرگەن ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىنجان داموللامنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى تۆت يىلدىن بىرى ھېچقانداق ئالاقە قىلالمىغان بولۇپ، يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە تۇغقانلىرىغا خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت قىلىنغانلىق خەۋىرى كەلگەن.

ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىنجان يۇنۇس داموللام بۇ يىل 56 ياش، ئەسلى يۇرتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى  گۇما ناھىيەسى كۆكتېرەك يېزىسىدىن. ئاتاقلىق ئابدۇلھېكىمخان مەخدۇم ھاجىم (قاغىلىق ) تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن يېتىشتۈرگەن يىتۇك مۇدەررىس ئۇستازلارنىڭ بىرى.

مۇھەممەد ئەمىنجان داموللامنى 2014-يىلى 11- ئايدا غۇلجا ساقچى دائىرىلىرى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىپ ، 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى قويۇپ بەرگەن. 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 3- كۈنى يەنە،خوتەن ۋىلايەت لوپ ناھىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن گۇما كۆكتېرەك يېزىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن  ھازىرغىچە چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى كۆرۈشەلمىگەن ھەمدە ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالمىغان

ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىن يۇنۇس داموللام ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئاتاقلىق ئۇستاز ئابدۇلھېكىمخان مەخدۇم ( قاغىلىق )دا ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۇستازنىڭ پىكرى ئۆتكۈر، زېھنى ئۇچۇق بولۇپ، تالىپلار ئارىسىدا ئىلمىي بالاغەت، مەنتىق ( لوگىكا ياكى پەلسەپە )، ئەدەبىيات، ھەدىس، تەپسىر ، گىرامماتىكا قاتارلىق پەنلەردە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. ئۇستازنىڭ ھەر قايسى پەنلەردە كۆزگە كۆرۈنگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇستاز ئابدۇلھېكىمخان مەخدۇم ( قاغىلىق ) ئۇنى خەلپەت ( ئىزباسار ) قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى. 1985 يىلىدىن باشلاپ ئۇستاز ئابدۇلھېكىمخان مەخدۇم ( قاغىلىق ) ئېلىمى يىغىن، زىيازەتلەرگە كېتىپ قالغاندا ياكى ئۈرۈمچى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىغا دەرس ئۆتۈشكە كېتىپ قالغان ۋاقىتلاردا تالىپلارنى ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىنجان داموللامغا خاتىرجەم تاپشۇرۇپ كەتكەن. ئۇستاز ھەر قايسى پەنلەردە تولۇق يېتىلگەچكە ئۇستازى يېتىشىپ بولالمىغان دەرسلەرنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان. ئۇستاز ئۇقۇش داۋامىدا ھەر قايسى پەنلەردە دەرىس بېرىشتىمۇ تولۇق يېتىلگەن.  

ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىن داموللام 1989 يىلى ئىلىمنى تالىپلار ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ تولۇق تاماملاپ ، ئاتاقلىق ئۇستاز ئابدۇلھېكىمخان مەخدۇم ( قاغىلىق ) نىڭ تالىپلىرى ئىچىدە بىرىنچى قاراردا شاھادەتنامە ئالغان.

  ئاتاقلىق ئۇستاز ئابدۇلھېكىمخان مەخدۇم ( قاغىلىق ) ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن يۇرتى گۇمىدا ئۆگىتىش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغان. كېيىن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دىنى ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلارنى قاتتىق قاتتىق چەكلىشى سەۋەبلىك خوتەن شەھىرىنى مەركەز قىلغان ئاساستا ئىلىم ئۆگەتكەن. ھازىر چەتئەل ياكى شەرقىي تۈركىستاندا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇستازلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇستازدىن بىۋاسىتە دەرس ئالغان ياكى ئۇستازنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد تالىپلىرى دېيىشكە بولىدۇ.

داموللام ئۆلىمالارنىڭ تەلىپى بىلەن ئۆلىمالار ھەل قىلىشتا قىينالغان مۈجمەل مەسىلىلەر ھەمدە  يېڭى پەتىۋالارغا كەسكىن جاۋاب بەرگەن.  پىتنە-ئىغۋا، جېدەل -ماجىرالاردىن يىراق تۇرۇش بىلەن بىرگە، جىدەل – ماجىرا ، تالاش -تارتىشلارنى كەسكىن مەيداندا تۇرۇپ ھەل قىلىشقا، ئىلىم ئۆگىتىشكە بارلىق ھاياتىنى بېغىشلىغان. داموللامنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تۈرمىسى ، قورقۇتۇشى ئىلىم ئۆگىتىش، ھەقنى يەتكۈزۈش ئىرادىسىدىن  قايتۇرالمىغان. تۇتقۇن قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ ئۆگىتىش، رىسالەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش مەيدانىدا چىڭ تۇرغان.  ھەق يولدا ئۆلىمالارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۈن -تىنسىز خىزمەت قىلغان.

ئاللاھ ئۇستازنىڭ شاھادىتىنى قوبۇل قىلسۇن! ئامىن

ئۆز مۇخبىرىمىز: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1772 قېتىم كۆرۈلدى
26/07/2020 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق