چىرا ناھىيەسىدە كوچىغا چىققانلار ھاقارەتلەندى

چىرا ناھىيەسىدە كوچىغا چىققانلار ھاقارەتلەندى

25- ئىيۇل ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى چىرا بازىرى تۇزاقچى كەنتىدىكى قورچاق ئەمەلدارلار كوچىغا چىققانلارنى ھاقارەتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر سىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى چىرا بازىرى تۇزاقچى كەنتىدىن تارقىتىلغان بولۇپ،  بەش ئادەمنىڭ ھەر بىرىنىڭ بوينىغا  تاختاي ئېسىلىپ، تاختىغا ئۇنىڭ ئىسمى ، ئىسمىنىڭ ئاستىدىكى قۇرغا [ھايۋان]دېگەن ھاقارەت سۆزى يېزىلغان.

سىندا قورچاق ئەمەلدار سۆز قىلىپ، بۇ ھايۋانلار كوچىغا چىقماڭ دېسە كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ جىنايىتى ئۈچۈن  باشقا مەھەللە- كەنتلەرگە ئېلىپ بېرىپ خەلق ئالدىدا سازايى قىلىش جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە ، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە يامراشقا باشلىغان خىتاي ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ، خوتەننىڭ سەھرالىرىدا كوچىغا چىقىشنى چەكلىگەنلىكى ، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تالا- تۈزگە چىققانلارنى ھاقارەت سۆزلىرى بىلەن ھاقارەتلىگەن.

بۇ خەۋەر 1769 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2020 18:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق