پىچاندا كەلكۈن ئاپىتى بولدى

پىچاندا كەلكۈن ئاپىتى بولدى

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پىچان ناھىيەسىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن.

سىندىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، دېھقانلارغا ئېغىر زىيان بولغان. دېھقانلارنىڭ پىشقان ئۈزۈملىرى سۇغا چىلاشقان. سىنلاردا  دېھقانلارنىڭ تاللىق ئېتىزلىقى كۆلدەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ، بىر قىسىم تاللىق ئېتىزلىقلار سۇغا چۆكۈپ كەتكەن. بىر قىسىم ئېتىزلاردىكى تاللارنىڭ غازىڭىنى سۇ يۈزىدە كۆرگىلى بولىدۇ. قىسمەن كەنت كوچىلىرىنى  سۇ باسقان بولۇپ، كەنت ئاھالىسى كوچىلاردا سۇغا توغان سېلىپ سۇنىڭ ئۆيگە كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېرىشقا .

ئاتالمىش «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 24- ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىدە قاتتىق يامغۇر سەۋەبلىك كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن. ئاپەتتە، دېھقانلارنىڭ زىرائەتلىرى بۇزۇلغان. 315 دۆلەت تاشيولنىڭ 1626 كىلو مىتېرەلىك بۆلىكىنى سۇ ئېلىپ كېتىپ كەلكۈن سۈيى ئارىسىدا قاپسىلىپ قالغان.  

بۇ خەۋەر 1673 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2020 13:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق