شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 115 گە ئۆرلىدى

شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى  115  گە ئۆرلىدى

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 115 گە چىققان.

24- ئىيۇل سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە 20  كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. ئۇندىن باشقا ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلاردىن  38 كىشى بايقالغان. نۆۋەتتە ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 114 بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئىكەن.

 دىۋىزىيەدە 1،  قەشقەردە  1 كىشى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 115  گە ئۆرلىگەن. بۇلار ئىچىدە 2 بىمارنىڭ كېسەل ئەھۋالى خەتەرلىك ، 7 بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن.  ئۈرۈمچىدە ئايرىپ تەكشۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 170 ئىكەن.

چاڭشىيا كەچلىك گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ لىياۋنىڭ ئۆلكىسىدە 176 كىشى خىتاي ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان.   2 كىشى ئۆلگەن.  15 كىشى داۋالانماقتا ئىكەن. 37 كىشى ئايرىپ تەكشۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1361 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2020 12:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق