كۆك ئاي جەمئىيىتى جانلىق خىزمەت قىلماقتا

كۆك ئاي جەمئىيىتى جانلىق خىزمەت قىلماقتا

تۈركىيەدە خەلقىمىز ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كۆك ئاي جەمئىيىتى 23- ئىيۇل ئېھتىياجلىق قېرىنداشلىرىمىزغا نەق پۇل ھەمدە تۇرمۇش بۇيۇملىرى تارقىتىپ بەردى.

كۆك ئاي جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى تۈركىيەدىكى ياردەمگە ئېھتىياجى بار مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن مەخسۇس خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. خەلقىمىزگە تېخىمۇ ئەتراپلىق خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە، خەلقئارادىكى ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ھەمدە ۋەخپىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتىنى جانلاندۇردى.

جەمئىيەت 23- ئىيۇل فىرانسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان « ئامانەت » ۋەخپى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئېھتىياجلىق خەلقىمىزگە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇمى ھەمدە نەق پۇل تارقىتىپ بەردى. قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، كىيىم – كېچەك يۇيۇش سوپۇنى، چاچ يۇيۇش سوپۇنى قاتارلىق تۇرمۇش ھەمدە تازىلىق بۇيۇملىرى قاچىلانغان 80 يېشىك تۇرمۇش بۇيۇمىنى 80 ئائىلىگە تارقىتىپ بەردى. ئۇندىن باشقا يەنە ئېھتىياجى بار 50 ئائىلىگە 300 لىرادىن نەق پۇل تارقىتىپ بەردى.

بۇ خەۋەر 3416 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2020 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق