ماگىستىرلىق ماقالىسى سەۋەبلىك 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ماگىستىرلىق ماقالىسى سەۋەبلىك 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

زىمىستان تورىنىڭ 23- ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ماگىستىرلىق ماقالىسىنى ئۇتۇقلۇق تاماملىغان ئايگۈل ئېلى خىتاي تەرىپىدىن 20 يىل كېسىلگەن.

ئايگۈل ئېلى ماگىستىرلىق ماقالە تېمىسىنى يېڭى تەتقىقات ساھەسىدىن تاللاپ.  خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ بانكا بوغالتىرلىق سىستېمىسى توغرىسىدا سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئايگۈل ئېلىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇخبىرغا قىزىنىڭ تەتقىقات ماقالىسى سەۋەبلىك ياكى تۈركىيەدە ئوقۇغانلىقى سەۋەبلىك تۈرمىدە ئىكەنلىكى، خىتاي ئۇنى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

 ئايگۈل ئېلى 1986-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرى  سۇيدۈڭ بازىرىدا تۇغۇلغان. كېيىن نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان 2009-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئۇ تىرىشچان ئوقۇغۇچى بولغاچقا ، 2010-يىلى 1-ئايدا تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان.

ئايگۈل تۈركىيەدە دەسلەپتە تىل ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرگەن ، كېيىن ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىغا تىزىملاتقان. ئۇ تۈركىيە ۋە خىتايدىكى ئېلېكتىرونلۇق بانكا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىشقا جەڭ ئېلان قىلغان.  ئۇ ئوقۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن ، 2016-يىلى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ شۇ يىلى يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى 2017-يىلى تۈرمىگە تاشلىغان بولۇپ ، ئۇنىڭغا 20 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە ، خىتاي كومپارتىيەسى ئايگۈل ئېلىنى ئالىي مائارىپنى تۈركىيەدە قوبۇل قىلغانلىقى ياكى تۈركىيەدە ئوقۇغانلىقى، ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۈرمىگە تاشلاپ 20 يىل كېسىۋەتكەن.

بۇ خەۋەر 1777 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2020 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق