شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 95 گە ئۆرلىدى

شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى  95  گە ئۆرلىدى

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 95 گە چىققان.

23- ئىيۇل سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە 13  كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلاردىن  19 كىشى بايقالغان. نۆۋەتتە ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 85 بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئىكەن.

 دىۋىزىيەدە بىر،  قەشقەردە  بىر كىشى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 95  گە ئۆرلىگەن. بۇلار ئىچىدە بىر بىمارنىڭ كېسەل ئەھۋالى خەتەرلىك ، توققۇز بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن. ئايرىپ تەكشۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 3346 گە يەتكەن.

چاڭشىيا كەچلىك گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭدا 5 كىشى، شاڭخەيدە 1، لىياۋنىڭدا 1بولۇپ، 8 كىشى خىتاي ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى  ئېنىقلانغان. `دائىرىلەر دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئۇچراشقان بارلىق كىشىلەرنى ئايرىپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

بۇ خەۋەر 1118 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2020 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق