ش ت ت ب دىن بىر ھەيئەت دېڭىز فەنەرى جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

ش ت ت ب دىن بىر ھەيئەت دېڭىز فەنەرى جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

22- ئىيۇل خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت دېڭىز فەنەرى جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.

 ھەيئەتنى دېڭىز فەنەرى جەمئىيىتى رەئىسى مەھمەت جەنگىز ئەپەندى جەمئىيەت مەركىزىدە كۈتۈۋالدى.

ھەيئەت ئاۋ مەھمەت جەنگىز ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاشكارا قىرغىن قىلغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىنتايىن خەتەرلىك ۋەزىيەتتە قالغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى، شەرقىي  تۈركىستان خەلقى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ھەمدە توسالغۇلارنى تونۇشتۇردى. ئۆز ئارا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كەلگەن كىرىزىسنى قانداق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلىش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

ھەيئەت ئاخىردا، ئاۋ مەھمەت جەنگىز ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان دۆلەت گىرىبى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بويۇم ھەدىيە قىلدى.

بۇ خەۋەر 3494 قېتىم كۆرۈلدى
23/07/2020 13:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق