شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 82 گە ئۆرلىدى

شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى  82  گە ئۆرلىدى

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 82 گە چىققان.

22- ئىيۇل سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە  18 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلاردىن  24 كىشى بايقالغان.  دىۋىزىيەدە بىر،  قەشقەردە  بىر كىشى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 82  گە ئۆرلىگەن. بۇلار ئىچىدە بىر بىمارنىڭ كېسەل ئەھۋالى خەتەرلىك ئىكەن.  يەتتە بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىدە 80، قەشقەردە بىر ، دېۋىزىيەدە بىر، يۇقۇملانغۇچى بار ئىكەن. ئايرىپ تەكشۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 3284 گە يەتكەن.

خەۋەردە يەنە ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدىكى ئاپتوبۇس، پويىز قاتارلىق ئاممىۋىي قاتناش ۋاسىتىلىرى، دىۋىزىيە ۋە قىسمەن شەھەرلەردىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئاممىۋىي قاتناش ۋاسىتىلىرى توختىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

چاڭشىيا كەچلىك گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ دالىيەن شەھىرىدە ئىككى كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، `12 كىشىنىڭ ئالامەتسىز يۇقۇملانغانلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان. دائىرىلەر دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئۇچراشقان بارلىق كىشىلەرنى ئايرىپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

بۇ خەۋەر 1295 قېتىم كۆرۈلدى
23/07/2020 13:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق