ئاياسوفيا جامەسىدە ئوقۇلىدىغان جۈمە نامىزىغا كىملەر قاتنىشىدۇ؟

ئاياسوفيا جامەسىدە ئوقۇلىدىغان جۈمە نامىزىغا كىملەر قاتنىشىدۇ؟

    تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ئاياسوفيا جامەسىدە 86 يىل ئۆتۈپ، 7- ئاينىڭ 24- كۈنى تۇنجى قېتىم جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز دېمەستىن جىددىي تەييارلىقلار داۋاملاشماقتا.

    جامەنىڭ مېھرابىنى ئېنىق بېكىتىش ئۈچۈن 9 ئورۇن ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. جامە قىبلىسىنى كومپاس ئارقىلىق ئەڭ توغرا بېكىتىش ئۈچۈن مەخسۇس خادىملار تەيىنلەنگەن.  جامەگە تۈرك رەڭگى دەپ ئاتالغان 600 كۇۋادىرات مېتىرلىق چەش رەڭلىك جەينىماز تەييارلانغان. جۈمە نامىزىنى ئوقۇشقا  تۈركىيەنىڭ  دىنى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش ئىماملىققا تەيىنلەنگەن. ئۇيغۇن بولمىغان رەسىملەرنىڭ ناماز ۋاقتىدا ئۈستىنى يېپىۋېتىش ئۈچۈن بىر مىنۇت ئىچىدە ياپقىلى ۋە ئاچقىلى بولىدىغان پەردىلەر تەييارلانغان.  پوچتا تېلېگراف ئىدارىسى ئاياسوفيانىڭ قايتىدىن جامە بولغانلىقىنى خاتىرىلەپ مەخسۇس ماركا چىقارغان. خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىر سەۋەبلىك جامە ئىچىنىڭ 500 جامائەت بىلەن چەكلىنىشى قارار قىلىنغان. ناماز ئوقۇيدىغان ئاياللارمۇ كۆزدە تۇتۇلۇپ، جامە ئىچىدىن ئاياللار ئۈچۈن مەخسۇس بۆلۈم تەييارلانغان. جامەنىڭ مەيدانى ۋە ئەتراپ كەڭرى بولۇپ، بۇ جايلاردىن قايسى ئورۇندا ناماز ئوقۇشقا مۇۋاپىق ئىكەنلىكى تەكشۈرۈلۈپ، ئېنىقلانغاندىن كېيىن جامائەتنىڭ ناماز ئوقۇشىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىقلار باشلانغان. تۇنجى قېتىم ئوقۇلىدىغان بۇ جۈمە نامىزىغا جامەنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا بولۇپ تەخمىنەن 1500 كىشىنىڭ ناماز قىلىش ئېھتىمالى مۆلچەرلەنگەن . ناماز ۋاقتىدا سۇلتان ئەخمەت مەيدانىغا چىقىدىغان يول ئېغىزلىرىنى ۋە تىرامۋاينىڭ توختۇتۇپ تۇرۇلۇشى قارار قىلىنغان. جۈمە نامىزىنىڭ خاتىرجەم ئوقۇلۇشى ۋە جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، بىخەتەرلىك خىزمىتىگە 17 مىڭ ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

    دىنى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش ئىماملىققا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ سىياسى پارتىيە باشلىقلىرى ۋە مۇھىم سىياسەتچىلىرىگە ئۆزى بىۋاسىتە تېلېفون قىلىپ ئاياسوفيا جامەسىدە ئوقۇلىدىغان جۈمە نامىزىغا تەكلىپ قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقى دەۋلەت باھچىلى جۈمە نامىزىدا قولىغا تاقاش ئۈچۈن ئاياسوفيا جامەسىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن مەخسۇس كۈمۈش ئۈزۈك ياساتقان. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ باشلىقى كامال قىلىچدارئوغلۇ جۈمە نامىزىغا قاتنىشىش تەكلىپىنى رەت قىلغان. ئىيى پارتىيە (ياخشى پارتىيە)نىڭ باشلىقى مېرال ئاقشەنەر خانىم خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، داۋالىنىۋاتقان بولسىمۇ جۈمە نامىزىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىلىق ئىپادە بىلدۈرگەن.

   باش مىنىستىر ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئۆزىنىڭ جۈمە نامىزىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاياسوفيا جامەسىگە مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ئۇچۇرنى پايلاشقان؛

    «ئايا سوفيا... قۇببەڭدىن ھۆرلۈكنىڭ شاماللىرى چىقسۇن،

    تا ئەزەلدىن سەن بىزنىڭ سەن، بىزمۇ سېنىڭ...»

    تۈركىيەدە ئاياسوفيانىڭ قايتىدىن جامە بولغانلىق خەۋىرى پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئون نەچچە كۈندىن بۇيان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ گېزىت ۋە تېلېۋىزور خەۋەرلىرىدە داۋاملىق خەۋەر قىلىپ تارقىتىلىپ، بىرىنچى بەتتىن ئورۇن ئالغان.

 

ئاياسوفيا نىڭ قىسقىچە تارىخى

 

    ئاياسوفيا ئەسلىدە چىركوۋ بولۇپ، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىمپېراتورى كونستانتىنوس تەرىپىدىن مىلادى 360- يىلى سېلىنغان. 404- يىلى بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا قىسمەن خاراپ بولغان. 415- يىلى رىمىنۇت قىلىنغان. 532- يىلى بولغان ئۇرۇشتا كۆيۈپ كېتىپ خاراپ بولغان. ھازىرقى ئاياسوفيا 532- يىلى 2- ئاينىڭ 23- كۈنى 1000 نەپەر ئۇستا ۋە 10 مىڭ نەپەر ئىشچى تەرىپىدىن سېلىنىشقا باشلاپ، 5 يىلدىن كېيىن 537- يىلى 12- ئايدا پۈتكەن.

    ئىستانبۇل 1453- يىلى ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ پادىشاھى سۇلتان مەھمەت خان تەرىپىدىن پەتىھ قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاياسوفيا پادىشاھى سۇلتان مەھمەت خان تەرىپىدىن جامەگە ئۆزگەرتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان مەھمەت خاننىڭ ئىسمى فاتىھ سۇلتان مەھمەت دەپ ئاتالغان.

    1923- يىلى ئوسمان ئىمپېرىيەسى يىمىرىلىپ مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك تەرىپىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1934- يىلى 11- ئاينىڭ 24- كۈنى مۇزېيغا ئۆزگەرتىلگەن. ئارىدىن 86 يىل ئۆتۈپ 2020- يىلى 7- ئاينىڭ 10- كۈنى تەكرار جامەگە ئۆزگەرتىش قارار قىلىنغان. 7- ئاينىڭ 24- كۈنى ئوقۇلىدىغان جۈمە نامىزى ئاياسوفيا جامەسىدە، ئاردىن 86 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئوقۇلغان ناماز ۋە تۇنجى قېتىم ئوقۇلغان جۈمە نامىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياسوفيا جامەسىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشى تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرغان.

   ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخى ۋە سىياسىي ئەھمىيىتىدىن قارىغاندا 7- ئاينىڭ 24- كۈنى ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىم كۈن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ

 

 

بۇ خەۋەر 11995 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2020 19:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق