شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 64 گە ئۆرلىدى

شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى  64  گە ئۆرلىدى

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 64 گە چىققان.

21- ئىيۇل سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە  9 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلاردىن  14 كىشى بايقالغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 64 گە ئۆرلىگەن. بۇلار ئىچىدە بىر بىمارنىڭ كېسەل ئەھۋالى خەتەرلىك ئىكەن.  ئۈچ بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر، بىر بىمارنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىدە 62، قەشقەردە بىر ، دېۋىزىيەدە بىر، يۇقۇملانغۇچى بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 69 گە، ئايرىپ تەكشۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 3162 گە يەتكەن.

خەۋەردە يەنە ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدىكى ئاپتوبۇس، پويىز قاتارلىق ئاممىۋىي قاتناش ۋاسىتىلىرى، دىۋىزىيە ۋە قىسمەن شەھەرلەردىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئاممىۋىي قاتناش ۋاسىتىلىرى توختىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

 

بۇ خەۋەر 1499 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2020 13:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق