شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 55 گە ئۆرلىدى

شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى  55  گە ئۆرلىدى

بەيدۇ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئۈرۈمچى ۋە  دىۋىزىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 55 گە چىققان.

20-ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھىرىدە  7 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. دىۋىزىيەدە بىر كىشى بولۇپ  جەمئىي يېڭى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 8 گە چىققان. ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلاردىن  5  كىشى بايقالغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 55 گە ئۆرلىگەن. بۇلار ئىچىدە 4 بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن. ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 55 گە، ئايرىپ تەكشۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 3119 غا يەتكەن.

خەۋەردە يەنە ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدىكى ئاپتوبۇس، پويىز قاتارلىق ئاممىۋىي قاتناش ۋاسىتىلىرى، دىۋىزىيە ۋە قىسمەن شەھەرلەردىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئاممىۋىي قاتناش ۋاسىتىلىرى توختىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئاتالمىش شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دائىرىلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىشلەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ پۈتۈن شەھەر دائىرىسى ئىچىدە تۈركۈمگە بۆلۈپ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.  1 - باسقۇچ 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن باشلاپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ، گۇمانىي ئاغرىقلار، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار، قىزىپ قالغان ئاغرىقلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپى بار بولغان مەھەللىلەردە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ،  نۇقتىلىق كىشىلەر توپى تۇرۇشلۇق مەھەللىلەرنى %100 تەكشۈرۈپ تاماملىماقچى بولغان. 2 - باسقۇچتا باشقا مەھەللىلەر ئاتالمىش ئاپتونوم رايون، شەھەردىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ئورگانلار، كارخانا - كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارغا قارىتا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.  بۇ قېتىمقى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق جايلار دىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان 25 ئاپپارات ئۈستىگە ئالغان.

بۇ خەۋەر 1632 قېتىم كۆرۈلدى
21/07/2020 14:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق