ئاياللار سودا يەرمەنكىسىدە يېڭىلىق

ئاياللار سودا يەرمەنكىسىدە يېڭىلىق

ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گورپپا مەخسۇس ئورۇن تۇتۇپ ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەمەجگە رايوني سافاكۆيدە سودا يەرمەنكىسى ئاچقان ئىدى.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئېچىلغان بۇ يەرمەنكە خانىم – قىزلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ھەپتە ئىچىدە چارشەنبە ۋە شەنبە كۈنلىرىدە سودا يەرمەنكىنى داۋام قىلىپ كەلگەن ئىدى.

يېقىندا مەسئۇللارنىڭ تېخىمۇ كۈچ چىقىرىش ھەمدە خەلقىمىزنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ چەتئەل مۇھىتىدا يوقاپ كەتمەسلىكى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە قېرىنداشلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىمىز ۋە ئىسلام ئەخلاقىنى ساقلىغان ئاساستا توي -مەرىكە ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، قۇيۇق مىللىي ۋە ئىسلامىي تۈسكە ئىگە توي مەرىكە زالى تەييارلاندى. توي- مەرىكە زالى ئاستى ۋە ئۈستى قەۋەت بولۇپ، زالدا ئەر -ئاياللار ئايرىم -ئايرىم  پائالىيەت قىلالايدىغان ئازادە ئىمكانىيەت بار. ئۇندىن باشقا ئاياللار يەرمەنكە بازىرى، يەرمەنكە ئارامگاھى قاتارلىقلارغا ئورۇن ھازىرلاندى

يېڭى ئادرېسى: سۇلتان مۇرات مەھەللىسى چىزمىجى كوچا 42 -نومۇر (ۋېرا كۆز دوختۇرخانىسى بار كوچا)

بۇ خەۋەر 3560 قېتىم كۆرۈلدى
21/07/2020 12:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق