تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلار يىغىنى يالوۋادا ئېچىلدى

تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلار يىغىنى يالوۋادا ئېچىلدى

14-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلار  يىغىنى يالوۋادا باشلاندى.

يىغىنغا  شەرقىي تۈركىستان رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلىپ ، كۆرگەزمىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋاللىرى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەر قويۇلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئسى، ژورنالسىت مۇساجان ئەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن ئىشتىراك قىلىپ، يالوۋانىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى مۇستاپا تۇتۇققا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان كىتاپ ۋە باشقا قىممەتلىك خاتىرە بويۇملارنى سوۋغا قىلدى.

كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشىغا يالوۋا مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى مۇستاپا تۇتۇق ئەپەندى ، مۇئاۋىن رەئىس باھاتىن ئېرباي ئەپەندى ، ۋىلايەتلىك مەجلىس باشلىقى فاتىھ شاھىن ئەپەندى ، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت دېرىكتورى شېرېف تالى ، TÜRKSOY ( تۈرك مىللىتى) تەشكىلاتى باش كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سانجار مۇلازىمئوغلۇ، ، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى يالوۋا رەئىسى نامىك ئۆز ۋە باشقا رەھبەرلەر ئىشتىراك قىلدى. مېھمانلارنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستان رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ، كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان رەھبەرلەرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىلدى .  

چۈشتىن كېيىن ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ژۇرنالىست مۇساجان ئەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ھەمدە ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپىگە كەلتۈردى

بۇ خەۋەر 3493 قېتىم كۆرۈلدى
20/07/2020 17:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق