يەكەندە كەلكۈن ئاپىتى بولدى

يەكەندە  كەلكۈن ئاپىتى بولدى

19- ئىيۇل ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ يەكەن ناھىيەسىدە كەلكۈن ئاپىتى بولغان.

سىندا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر  ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىدە كەلكۈن ئاپىتى بولغان بولۇپ، ناھىيەنىڭ بىر قىسىم رايونلىرى ھەمدە يوللاردا سۇ ئۆستەڭدە ئاققاندەك ئاققان.

كەلكۈننىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى قاتتىق يامغۇر ياكى باشقا سەۋەبلەر ئىكەنلىكى ھەققىدە تېخىچە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، قەشقەردە يامغۇر ئارىلاش مۆلدۈر ياققان. كىشىلەر ئالاقىزادە بولۇپ كوچىلاردا ئۆيلىرىگە يۈگۈرۈشكەن. مۆلدۈر دەرەخ شاخلىرىنى يېرىپ ، مېۋىلەرنى تۆكىۋەتكەن.  

بۇ خەۋەر 1469 قېتىم كۆرۈلدى
20/07/2020 15:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق