شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 47 گە ئۆرلىدى

شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى  47  گە ئۆرلىدى

بەيدۇ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئۈرۈمچى ۋە  دىۋىزىيە ھەمدە قەشقەردە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 47 گە چىققان.

خەۋەردە 16-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە  بىر كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بايقالغانلىقى، 17-ئىيۇل كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت  12دە  جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بىراقلا ئۆرلەپ، 17 گە چىققانلىقى ، بۈگۈن ( 20- ئىيۇل ) ئۈرۈمچى ۋە دىۋىزىيە ھەمدە قەشقەردە ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 47 گە ئۆرلىگەنلىكى، بىر كۈن ئىچىدە يېڭى يۇقۇملانغۇچىلار ئۈرۈمچىدە 16  كىشى، قەشقەردە بىر كىشى ئىكەنلىكى، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 50 ئىكەنلىكى، 3016 كىشى ئايرىپ تەكشۈرۈلۈشكە بالىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە ئۈرۈمچىنىڭ سايباغ رايونى بىلەن تەڭرىتاغ رايونى يۇقىرى دەرىجىلىك خەتەرلىك رايون، ئۈرۈمچى ئىقتىسادى ئېچىۋېتىش رايونى، يۇقىرى تېخىنېك ئىشلەپچىقىرىش رايونى ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەتەرلىك رايون دەپ، ئېلان قىلىنغان.    

ئاتالمىش شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دائىرىلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىشلەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ پۈتۈن شەھەر دائىرىسى ئىچىدە تۈركۈمگە بۆلۈپ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.  1 - باسقۇچ 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن باشلاپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ، گۇمانىي ئاغرىقلار، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار، قىزىپ قالغان ئاغرىقلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپى بار بولغان مەھەللىلەردە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ،  نۇقتىلىق كىشىلەر توپى تۇرۇشلۇق مەھەللىلەرنى %100 تەكشۈرۈپ تاماملىماقچى بولغان. 2 - باسقۇچتا باشقا مەھەللىلەر ئاتالمىش ئاپتونوم رايون، شەھەردىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ئورگانلار، كارخانا - كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارغا قارىتا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.  بۇ قېتىمقى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق جايلار دىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان 25 ئاپپارات ئۈستىگە ئالغان.

بۇ خەۋەر 1636 قېتىم كۆرۈلدى
20/07/2020 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق