شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 40 گە ئۆرلىدى

شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى  40  گە ئۆرلىدى

بەيدۇ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئۈرۈمچى ۋە  دىۋىزىيە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 40 گە چىقىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدە كوچىغا چىقىش چەكلەنگەن.

خەۋەردە 16-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە  بىر كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بايقالغانلىقى، 17-ئىيۇل كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12دە  جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بىراقلا ئۆرلەپ، 17 گە چىققانلىقى ، بۈگۈن ( 18- ئىيۇل ) ئۈرۈمچى ۋە دىۋىزىيە ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 40 گە ئۆرلىگەنلىكى، بۇلار ئىچىدىكى 17 كىشى ئېنىق دىياگۇنۇز قويۇلغانلىقى، 23 كىشى ئالامەتسىز يۇقۇملانغانلىقى، ئۈرۈمچىدە يەنە 269 كىشى ئايرىپ تەكشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.  

17- ئىيۇل كەچتە ، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە قەشقەر بويىچە بىر ھەپتە كوچىغا چىقىش چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان.

ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغاندىن كېيىن تاللا بازىرى،  ۋە يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدىغان بارلىق دۇكانلارنىڭ ئالدىدا ئادەم شىددەت بىلەن كۆپەيگەن .

بۈگۈن( 18- ئىيۇل )ئەتىگەندە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە كوچىلاردا  ماشىنا ھەمدە ئادەم كۆرگىلى بولمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن.

جىددىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاش، بىر يەرگە توپلىنىشقا ، ھەر قانداق توي – مەرىكە، قاتار چاي ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. جىنازا نامىزىغا بەش كىشىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ھەر قانداق كىشىنىڭ كوچا ئارىلاپ يۈرۈشىگە، توغقان يوقىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.  7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ سىرتقا تۇغقان يوقلاشقا چىقىپ قايتىپ كەلگەنلەر  رايونلۇق ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىشى، ھەر قايسى ئولتۇراق رايونلىرى كىرىپ- چىقىش ئەھۋالىنى قاتتىق كونترول قىلىشى، خىتاي ئۆلكىلەردىن كىرگەنلەر رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.  يۇقىرىقى قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. »

بۇ خەۋەر 1445 قېتىم كۆرۈلدى
18/07/2020 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق